查看原文
其他

4-12ئايلىقىچە بولغان بوۋاقلارغاقوشۇمچە يىمەكلىك تەييارلاش ئۇسۇلى

2017-09-28 sebiler


4-12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك تەييارلاش ئۇسۇلى،بوۋاقنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ!

 بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى يىڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغاندا ،بوۋاقلار قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە باشلايدۇ.بۇۋاقىتتا ئاتا-ئانىلار قايمۇقۇپ قالىدۇ،

ئانىلارنىڭ بۇقىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن تۆۋەندە بوۋاقلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك تەييارلاشتىكى ئاساسىي بىلىملەرنى تونۇشتۇرىمىز.



1.بوۋاققا قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنى بىرىش ۋاقتى:

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بوۋاققا 6ئايلىق بولغاندا قوشۇمچە يىمەكلىك بىرىش تەكلىپىنى بىرىدۇ،ئەگەر بوۋاقنىڭ يىتىلىش تىز بولسا،بالدۇرراق بىرىشكە باشلىسا بولىدۇ،لىكىن 4 ئايلىقتىن بۇرۇن  بەرمەسلىكى كىرەك،كىيىن بولغاندا 8ئايلىقتىن ئىشىپ كەتمەسلىكى لازىم.

تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلگەندە ئاندىن بالىلارغا قوشۇمچە يىمەكلىك بىرىشنى باشلىسا بولىدۇ:


1.بوۋاق چوڭلار يىگەن تاماققا قىززىققان ۋاقىتتا.


2.بوۋاق ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى قاتتىق چىشلەپ،ئاغرىتۋەتكەندە 

ئانىلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:


1.بوۋاققا قوشۇمچە يىمەكلىك بەرگەندە چوقۇم كىچىك قوشۇق تاللاپ يىگۈزۈش كىرەك،


2.مەسلەن قوشۇمچە يىمەكلىك بىرىشنى باشلىغان ۋاقىتتا بوۋاق ئاغزىنى كىچىك ئاچىدۇ،مۇشۇ ۋاقىتتا يىرىم قوشۇقتىن يىدۈرۈش كىرەك.


3.ئەڭ دەسلەپتە بوۋاق بۇنىڭغا بەك ماسلىشالماسلىقى مۇمكىن،قوشۇمىسىنى تۈرۈپ،ئاغزىنى ئاچىقىلى ئۇنماسلىقى مۇمكىن،چۈنكى بالىغا بىراقلا،بۇنداق كۆپ نەرسىلەرنى بەرسە قوبۇل قىلىپ ماسلىشىشى سەل ئاستا بولىدۇ، شۇڭا بوۋاققا بىرئازۋاقىت بىرىش كىرەك.


بوۋاق 4 ئايلىق بولغاندا...



1.گۈرۈچ تامىقى:

ماتىريالى:بىرقوشۇق گۈرۈچ،ئىلمان سۇ تەييارلاش،

ئىتىش ئۇسۇلى : بىر قوشۇق گۈرۈچكە مۇۋاپىق مىقداردا ئىلمان سۇ قۇيۇپ،سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە،چوكا بىلەن ئارلاشتۇرۇش كىرەك.


2.شوۋىگۈرۈچ :

ماتىريالى:200گىرام گۈرۈچ

تەييارلاش ئۇسۇلى:قازانغا سۇقۇيۇپ،قاينىغاندىن كىيىن گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، قازانغا سىلىپ سۇس ئوتتا قاينىتىمىز،ئۇ قايناپ ئۇماچ ھالەتكەكەلگەندىن كىيىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.


ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى خەنزۇچە رەسىملىك ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ!!


5ئايلىق بولغاندا …



1.كاۋا بۇلمىقى:

ماتىرىيالى:كاۋا

تەييارلاش ئۇسۇلى:كاۋىنى ئاقلاپ پوستىنى،ئۇرۇقچىسىنى ئىلىۋىتىپ، پاكىز يۇيۇپ،يالپاغدىۋالىمىز،ئاندىن قازانغا سىلىپ پىشۇرۋالىمىز، پىشقاندىن كىيىن ئىلىپ ئىزىپ ئۇماچ ھالەتكە ئەكىلىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ،


2.تۇخۇم سىرىقى ئۇمىچى:

ماتىرىيال:2قوشۇق گۈرۈچ،120 مىللىلىتىر سۇ،تۇخۇم سىرىقى


تەييارلاش ئۇسۇلى:ئاۋۋال گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ، 1-2 سائەت سۇغاچىلاپ قويۇپ،ئاندىن قازانغاسىلىپ 40-50مىنۇت قاينىتىمىز،ئاندىن ئۇنىڭغا تۇخۇم سىرىقنى ئارلاشتۇرۇپ، يەنە 10مىنۇت دۈملەيمىز،ئاندىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،


6ئايلىق بوۋاقلار……



1.يىڭى جىگەر پىچەك گۈل ئومىچى:


ماتىريالى:20گىرام بەرەڭگە،30 گىرام گۈرۈچ،5گىرام توخۇ جىگىرى،


تەييارلاش ئۇسۇلى:توخۇ جىگىرىنى قازانغا سىىلىپ قاينىتىپ،پىشقاندىن كىيىن سۈزۈپ ئىلىپ،ئۇنى  ئىزىپ ئۇماچ ھالەتكە ئەكىلىمىز،ئاندىن بەرەڭگىنى سىلىپ پىشۇرىمىز،ئاخىرىدا جىگەر پىشۇرغان سۇغا گۈرۈچنى سىلىپ پىشۇرۇپ،پىشايدىگەندە ئەزگەن جىگەر بىلەن بەرەڭگىنى گۈرۈچنىڭ ئۈستىگەسىىلپ سۇس ئوتتا بىردەم دۈملىگەندىن كىيىن ئاندىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ.


2.

تۇخۇم سىرىقى بوتقىسى:


ماتىريالى:بىرتال تۇخۇم

تەييارلاش ئۇسۇلى: تۇخۇمنى پىشۇرۋىلىپ،ئاندىن ئۇنى قوشۇق بىلەن ئىزىپ،ئۈستىگە  مۇۋاپىق مىقداردا قايناقسۇ ياكى سۈت پاراشوگى ئارلاشتۇرۇپ،ئۇماچ ھالەتكە كەلگەندە ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،


7ئايلىق بولغاندا……



1.توخۇ شورپىسى بەرەڭگە لاتقىسى:


ماتىرىيالى: يەرلىك توخۇ،بەرەڭگە،زەنجىۋىل

تەييارلاش ئۇسۇلى:توخۇ گۆشىنى قازانغا سىلىپ قاينىتىپ،ئاندىن شورپىسىنى ئايرىم ئىلۋالىمىز،ئاندىن بەرەڭگىنى پاكىز يۇيۇپ دۈملەپ،پىشقاندىن كىيىن ئىزىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە تەييارلىۋالغان توخۇ شورپىسىنى قۇيۇپ،ئىككىسىنى تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئستىمال قىلسا بولىدۇ،


2.ئالما پارچىسى بۇلمىقى:


ماتىرىيالى: 1-2 تال ئالما،20ەىرام ئارپا،

تەييارلاش ئۇسۇلى: ئالمىنىڭ پوستىنى سويۇپ كىچىك پارچىلاپ،ئىزىش ماشىنىسىغا سىلىپ ئىزىمىز،ئارپىنى قايناق سۇغا چىلاپ قويىمىز ،ئاندىن ئۇنى سۈزۈپ ئىلىپ ئالمىنى سىلپ تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،


8ئايلىق بولغاندا……



1.جىگەر گۆش:


ماتىرىيالى:قوي جىگىرى ۋە ئورۇق گۆش،ئازراق زەنجىۋىل قاتارلىقلار.

تەييارلاش ئۇسۇلى:گۆشنى پاكىز يۇيۇپ،تازلاپ داتلاشماس،قازانغا سىلىپ قاينىتىپ ،پىشۇرىمىز، ئاخىرىدا ئۇ پىشقاندىن كىيىن ئازراق زەنجىۋىل ئارلاشتۇرۇپ، ئاندىن ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،


2.توخۇ گۆشى كەرەپشە شورپىسى:


ماتىرىيالى: مۇۋاپىق گۈرۈچ،توخۇپاچىقى،مور،يازلىق بەسەي،كۈنجۈت يىغى قاتارلىقلار


تەييارلاش ئۇسۇلى: توخۇ گۆشىنى پاكىز يۇيۇپ،سۆڭىكىنى ئىلۋىتىپ توغرايمىز، ئاندىن قازانغا سۇقۇيۇپ،گۆشنى سىلىپ،پىشۇرىمىز، مورنىمۇ پاكىز يۇيۇپ توغراپ تەييارلىۋالىمىز،كەرەپشىنىمۇ تازايمىز، گۈرۈچنى پاكىز يۇيۇپ،گۆش،مور،كەرەپشە قاتارلىقلار بىلەن بىللە قازانغا سىلىپ مۇۋاپىق مىداردا سۇقۇيۇپ قاينىتىمىز، ئاۋۋال كۈچلۈك ئوتتا قاينىتىپ،ئاندىن سۇس ئوتتا قاينىتىمىز،ئاندىن كەرەپشىنى سىلىپ 10 مىنۇت قاينىتىپ ئىلىپ ئىسىمال قىلسا بولىدۇ،


9ئايلىق بولغاندا……



1.يىڭى راك شورپىسى:


ماتىرىيالى:راك،كەرەپشە،پىشقان ئۈگرە،شورپا،ئازراق سۇ يىغى قاتارلىقلار،


ئۇسۇلى:ئۈگرىنى سۇدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئىلۋالىمىز، ئاندىن راكنى قىيما قىلۋالىمىز،بەسەينى ئۇششاق توغراپ تەييارلىۋالىمىز،

ئاندىن تەييارلىۋالغان ئۈگرە،راك،سەيلەرنى قازانغا سىلىپ ،ئوتنى كۈچلۈك قىلىپ، 

قاينىتىمىز،ئۇپىشقاندىن كىيىن ئازراق سۇ يىغى قوشۇپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ،


2.ئۇششاق گۆش بىلەن توغرالغان پۇرچاق شۆۋىگۈرىچى:

ماتىرىيالى:ئۇششاق توغرالغان قىيما گۆش.بەسەي،چىچەكسەي،

ئۇسۇلى:بەسەي،چىچەكسەيلەرنى ئۇششاق توغراپ،گۆش بىلەن بىللە پىشۇرۋالىمىز،ئاندىن ئۇلارنى ئارلاشتۇرۇپ،ئىستىمال قىلساق بولىدۇ،


10-12 ئايلىق بولغاندا……



1.كاشتان چىلان شورپىسى:


ماتىرىيالى:25 گىرام گۈرۈچ،3تال كاشتان،7 گىرام چىلان،250 گىرام سۇ

ئۇسۇلى:چىلاننى يىرىپ ئۇرىقىنى ئىلىپ توغرايمىز،ئاندىن پاكىز يۇيۇپ،ئىزىش ماشىنىسى ئارقىلىق ئىزىپ تەييارلىۋالىمىز،ئاندىن گۆش بىلەن بىللە قازانغا سىلىپ پىشۇرىمىز، ئاندىن گۈرۈچنى سىلىپ پىشۇرۋالىمىز،ئاخىرىدا كاشتاننى پىشۇرۇپ ئىلىپ قوشۇقتا يانجىپ ئىزىمىز،ئاندىن باشتا تەييارلىۋالغان چىلان بىلەن شورپىغا كاشتاننى سىلىپ ئارلاشتۇرۇپ  ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،


2.ئۈچ خۇرۇچلۇق تۇخۇم ئۇيۇتمىسى:

ماتىرىيالى:تۇخۇم،راك،ئۇششاق گۆش بىەن قورۇلغان پىياز،موگو، مۇۋاپىق مىقداردا ياغ

ئۇسۇلى: موگو،راكنى پاكىزيۇيۇپ،تازلاپ،ئاندىن قازانغا ماي قۇيۇپ،قىززىغاندىن كىيىن ،قازانغا سىلىپ قورىيمىز،ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق سامساق بىلەن سۇڭ پىياز قوشىمىز،ئاخىرىدا تۇخۇمنى قاچىغا قۇيۇپ،ئازراق سۇ ئارلاشتۇرۇپ،قازانغا قۇيىمىز، ئاندىن 5-8 مىنۇتقىچە تۇرغۇزۇپ ئىلىپ ئىستىمال قىلساق بولىدۇ.


3.بىلىق دۇفۇ ئۇمىچى:



ماتىرىيالى :بىلىق گۆشى ،دۇفۇ

ئۇسۇلى :بىلىق گۆشىنى پاكىزيۇيۇپ،تازلاپ قازانغا سىلىپ پىشۇرۋالىمىز،ئاندىن گۆش پىشقاندىن كىيىن سۆڭەكلىرىنى ئىلۋىتىپ ئىزىپ تەييارلىۋالىمىز،

ئاندىن قازانغا يەنە سۇ قۇيۇپ،دۇفۇنى ئۇششاق توغراپ، قازانغا سىلىپ قاينىتىمىز،ئۇپىشقاندىن كىيىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بىلىق بوتقىسىنى قۇيۇپ،ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق كۈنجۈت مىيى،كىراخمال  ئارلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىش كىرەك.


4.قىياملىق چۆپ:


ماتىرىيالى : 8تال ئۈگرە،بىرقانچە تامچە جاڭيۇ، بىر ئىستاكان سۇ،سۇڭپىياز تالقىنى،خاسىڭ يىغى

تەييارلاش ئۇسۇلى:خاسىڭ مىيىنى قازانغا قۇيۇپ،قىززىتىپ،ئاندىن پىيازنى سىلىپ قورۇيمىز ئاندىن بىر قانچە تامچە جاڭيۇ قۇيىمىز،ئاخىرىدا سۇقۇيۇپ،قاينىغاندىن كىيىن ئۈگرىنى سىلىپ، پىشقاندىن كىيىن يەنە ئازراق جاڭيۇ تىمىتىپ تەمىنى تەڭشەپ ئىستىمال قىلسا بولىدۇ،


بوۋاقلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىشى ئۈچۈن،ئانىلار بۇ لارنى بوۋىقىڭىزغا تەييارلاپ بىرىڭ.



سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

تاشلىۋېتىلگەن مېيىپ قىز ئاجايىپ گۈزەل ھايات ياراتتى

ئۇلار ئۆلۈش ئالدىدا نىمە دەيدۇ ؟

ھۆل قەغەز ساتقۇچى بالىلار ئارىسدا سىزنىڭمۇ بالىڭىز بارمۇ(تەۋسىيە

سەبىيلەردە ئىشلەشنى خالامسىز؟

لىمۇننىڭ ئاجايىپ شىپالىق روللىرى

ئوڭ  تەرەپتىكى كودنى چىكىڭ





شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى

ئۈندىدار سالونى



: سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلېڧۇنى

0991-2863969

0991-2886219


بۇۋىقىڭىزغا ئەڭ ماس كىلىدىغان 54 28266 54 15288 0 0 774 0 0:00:36 0:00:19 0:00:17 2997 سەبىيلەر

مەھسۇلاتىنى تاللىۋىلىڭ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存